سىپرىنگېر . تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت-ئىنسانلار ھەرىكىتى» بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كېچىدە توردا ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: كىرىمنى ئازايتمىغان ئەھۋالدا، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن خىزمەت قىلغاندا خىزمەتچىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، چارچاش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئۇيقۇ مەسىلىسىنىڭ ئازىيىشىدىن بولىدىكەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتىكى بايقاشلار تەشكىل ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قايتىدىن باھالاش ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشىلىشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
بۇ ئىلمىي ماقالىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خىزمەت ۋاقتىنى ئازايتىش تەدبىرى، مەسىلەن، ئالتە سائەتلىك خىزمەت كۈنى ياكى %20 خىزمەت ۋاقتىنى ئازايتىش يېقىندا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «دۇنياۋى تۆت كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمى» تەشەببۇسى كۆپ دۆلەتتە سىناق قىلىنىپ، تەخمىنەن 375 شىركەت قاتناشقان، بۇنىڭدىكى مەقسەت خىزمەت ھەپتىسىنى قىسقارتىش (مائاشنى تۆۋەنلەتمەسلىك) ئارقىلىق قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىكەن.