
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، جۇ چاۋ) 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ، زورىيىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان رايون ھەمكارلىق يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىش تۈرى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەھكەم تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بۇلتۇر 7 - ئايدا جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، پائال تۈردە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى، ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى گۈزەل ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن تيەنجىندە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۆنىلىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. بىرىنچى، قۇرۇلۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ھەمكارلىق ئاساسى قىلىپ، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىشنى چىقىشىپ ئۆتۈش يولى قىلىپ، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «شاڭخەي روھى» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىنى سىجىل يورۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ باياشات، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ مول مەنىۋى تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تېخىمۇ باراۋەر، تەرتىپلىك قىلىش كېرەك؛ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان قىلىش كېرەك؛ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو تەرەپنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ چەت ئەل تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «شاڭخەي روھى» ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى پائال قوللاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ