
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، شۈ كې) 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئالبانېسنىڭ ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەسكوي ھالەتنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ زور ئىلھامى شۇكى، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ چوڭ يۆنىلىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككىنچى 10 يىلى باشلاندى، جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشى، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات ئىرادىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ئورتاق تەرەققىيات ئىدىيەسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئاۋسترالىيەگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىغا ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلق دوستلۇقىنى كەڭ كۆلەمدە يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبى تۇتاش، دوستلۇقى سەمىمىي، جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ زاتلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋسترالىيەلىك ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىتىشنى خالايدۇ. تۆتىنچى، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئالبانېس مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئاۋسترالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ. ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ۋە سۆھبىتىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئاۋسترالىيە تەرەپ ئەزەلدىن جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، يېشىل كەسىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، داۋالاش تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەركىن سودا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قوللايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ساۋ جيايۆ) 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ لاۋروۋغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سۇپىدا ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئورتاق قاتنىشىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، بۇ ئىستراتېگىيەلىك سۇپىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.
لاۋروۋ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم يىلدا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى پائال قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ