مۇھىم خەۋەرلەر

ئەنگلىيە سەھىيە تارماقلىرى ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن زەھەرلىنىش خەۋپىنى ئاگاھلاندۇردى

2025.07.22 15:06 مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە سەھىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىنى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن زەھەرلىنىش خەتىرىدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاز ساندىكى كىشىلەردە تەركىبىدە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى بار ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ناچار تەسىر پەيدا بولغان ھەمدە ئەنگلىيە دۆلەتلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى(NHS)ئاپپاراتىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇيان ئەنگلىيەدە داۋالاش مەنبەلىك بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلەردىن 38ى مەلۇم قىلىنغان. يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك مىسالى ئېنگلاندنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شەرقىي مىدلاند رايونىدىكى ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى بىلەن ۋاقتىنچە باغلىنىشلىقى بايقالمىغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېسەللىك مىساللىرى ئىجازەتكە بېرىلمىگەن بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئىشقا چېتىشلىق كەسىپكارلار ئالاقىدار مەشغۇلاتنى ۋاقتىنچە توختاتقان ھەمدە تەكشۈرۈشكە ماسلاشقان.

UKHSA مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ناچار تەسىر يۇتۇش قىيىنلىشىش، گەپ-سۆز مۈجمەل بولۇش ۋە نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئورگان پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىلىنىكا دوختۇرلىرىدىن يېقىندا ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، زەھەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق قاراتمىلىق داۋالاشنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ