
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 15 تىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، كامچاتكانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى يىراق دېڭىز (شىمالىي كەڭلىك 52.90 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 160.55 گىرادۇس) دا 6.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزىنىڭ دەسلەپكى يەر تەۋرەش پارامېتىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشىچە، يەر تەۋرەش تەۋرەش مەنبەسى ئەتراپىدا قىسمەن دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ