«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتايلى

2025.07.17 14:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق دۇنياۋى بايلىق ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تاشقى سودا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، توپلاشتۇرۇش شەكلىدىكى ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانچە ئېچىۋېتىلگەنسېرى بىخەتەرلىككە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى شۇنچە ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى، ئېچىۋېتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئاساسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، بۇنىڭغا غايەت زور سېلىنما ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى مۇجەسسەملەنگەن؛ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشقا دائىر بىرقەدەر تاكامۇللاشقان قانۇن - نىزام سىياسەت سىستېمىسى ۋە خىزمەت سىستېمىسى شەكىللەندى؛ ئۇزاقتىن بۇيان سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم، جەمئىيەت تىنچ بولۇشنى ساقلاپ كەلدى، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىلگىرى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، بىخەتەر، ئىستىقباللىق مەبلەغ سېلىش مەنزىلى بولۇپ كەلدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ مۇقەررەر شۇنداق بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ۋە كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى، پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئالغا بېسىشى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، «تام قوپۇرۇپ قورۇق سېلىش» «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، يەككە تەرەپلىك چەكلەشكە، زىيادە بېسىم ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ