شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى مەبلەغ سېلىش مېخانىزمى تەسىس قىلغان. بۇ بۇيرۇقتا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان غەربنىڭ جازاسىغا قارشى جازا توغرىسىدا بىر قانچە مۇستەسنا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، «دوستانە بولمىغان دۆلەت»لەردىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رۇسىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار سودىسىدا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ھېسابات تەسىس قىلىنىپ، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاكسىيە سودىسى ۋە مەبلەغنى چېگرا ھالقىپ ئاجرىتىپ يۆتكەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوشۇمچە كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.