شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا «1 - ئىيۇل» مۇناسىۋىتى بىلەن بايراملىق سالام يوللىدى! ئۇ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزلۈك ئىنقىلابى پارتىيەمىزنىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىشىدىكى ئىككىنچى جاۋاب، ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ بىر مۇھىم تەجرىبىسى. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش جاۋ باۋگو بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇش، قاتتىق چەكلىمە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، مەركەزلىك تەربىيە ۋە بىر قاتار مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىم تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش، ھەربىر تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ ساقلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى توسۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارالغان نۇرغۇن ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىش قىيىن بولغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز زىممىگە ئالغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى مەيلى قايسى قاتلامدا بولۇشىدىن، قانداق خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە ئۆزلۈك ئىنقىلابى مەسئۇلىيىتى بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا تېخىمۇ ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىشتە مۇھىمى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ساپلاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا كۈرەشچان ھاياتنى تاۋلاپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش داۋامىدا ئەخلاق مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ مەنزىل ئەندىزىسى ۋە سادىقلىق دەرىجىسى، پاكلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا جەزمەن ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى ئىشلىتىش، ھوقۇقنى تىزگىنلەش بىرلىككە كەلگەن، ئېنىق، ئاشكارا، سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى يوچۇقلارنى تېپىپ چىقىش، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۈزۈم ئىجراسىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار بارلىق ھوقۇقنى خەلقنىڭ بەرگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشى، باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھۆرمەتلىشى، تەشكىلنى ھۆرمەتلىشى، قانۇن - ئىنتىزامنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىكى ئۆتكۈر قورال، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى جەزمەن قەتئىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى نازارەتچىلىك، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنىڭ «ئالدىنقى قاراۋۇل»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قاتتىق تەلىپىنى قاتتىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىشلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئاخىرىغىچە قاتتىق تۇتۇش، قىلچە يول قويماسلىق سىگنالىنى تارقىتىپ، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» قاتارلىقلار مۇكەممەل مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھەربىر مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىشى، توغرا كەيپىيات تىكلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگە تىكلىشى، باشلامچى بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق توسۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.