مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئىران ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا ئىراننىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
شۇ كۈنى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە»دە يازما چىقىرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.