ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ئۈچ جايدىكى يادرو ئەسلىھەلىرىگە «مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردى» ۋە «ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى» دېدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم توغرىسىدا ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن «تولۇق ماسلاشتى». ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەڭ كۈچلۈك سۆز بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئەسلىھەلىرىگە «ۋەھشىي ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق» قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى، بۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنىڭ «<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى> ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېھتىيات ھالىتىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، ئىران تەرەپ يادرو بۇلغىنىش ئالامەتلىرىنىڭ تېخى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.