شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ گراز شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى، يەنە بىر نەچچە ئادەم يارىلاندى. ھازىر، ساقچىلار مەكتەپنى قامال قىلدى. ئاۋسترىيە «خەۋەرچى گېزىتى» ساقچى تەرەپ خەۋەرچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: قاتىل بىر ئوقۇغۇچى، دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىككى سىنىپقا كىرىپ ئوق چىقارغان. ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، جىنايەت گۇماندارى يالغۇز دېلو سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ساقچى تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.