ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ باشلىقى كارون باس شۇ جاي ۋاقتى 10-چېسلا، لوس ئانژىلىس شەھەر مەركىزىدىكى قىسمەن رايونلاردا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئاختۇرۇپ تۇتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئورگىنىنىڭ خادىملىرى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان لوس ئانژېلېس خەلقى بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشۇپ قالغان. ترامپ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى زۇڭتۇڭ ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى نيۇسېن ياردەم تەلەپ قىلمىغان ئەھۋالدا، لوس ئانژېلېس رايونىغا كالىفورنىيە خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى خادىملىرىدىن 2000 نى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ترامپنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2000 نەپەر خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى خادىمى لوس ئانژېلېس رايونىغا فېدېراتسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى.