مۇھىم خەۋەرلەر

قىممىتى 304 مىليون ئامېرىكا دوللىرى! ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالاقىدار زاپچاسلارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

2025.05.15 15:17 مەنبە: خەلق تورى

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالاقىدار زاپچاسلارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، قىممىتى 304 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2 مىليارد 191 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم سېتىشنى تەستىقلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا AIM-9X «شالدىراق قۇيرۇق يىلان» Block II باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە AIM-120C-8 ئىلغار ئوتتۇرا مۇساپىلىك ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ