شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025.05.14 15:37 مەنبە: خەلق تورى

5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لۇلا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى روسانگېلا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا لۇلا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدۇق، بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىلى» ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئورۇنلاشتۇردى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، دۇنياۋى تەرەققىيات ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى تەرەپ بىرىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىك، ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېلەر يىلى «جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مەدەنىيەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا تەرتىپىنى قوغداپ، بايراق روشەن ھالدا يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو بىر ـ بىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، تەقدىرداش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پولاتتەك مۇستەھكەم، ھەرقانداق تاشقى ئامىلنىڭ كاشىلىسى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى چىن كۆڭلىدىن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تىنچ، گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئۇدۇللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ياشلار، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بىرازىلىيە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداش ئىنتايىن مۇھىم، قورۇقچىلىق، قالايمىقان تاموژنا بېجى ئېلىش تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، پەقەت قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كۈچ ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداشنى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئىلغار كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى باشلىشىنى قوللاپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشقا بىردەك قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» ۋە «جۇڭگو ـ بىرازىلىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا لۇلا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى روسانگېلا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

لۇلا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ لۇلا بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. لۇلا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن لۇلا ئەر ـ خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ