لى شى كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس بىلەن كۆرۈشتى

2025.05.13 15:52 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس بىلەن كۆرۈشتى.

لى شى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رەئىس دىياز - كانېلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ كۇبانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. لى شى يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

رودرىگېس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت، كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ