شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئۇيغۇن. بۇلتۇر 11 - ئايدا سىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش پائال ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيەنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، سىلوۋاكىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فىسو مۇنداق بىلدۈردى: سىلوۋاكىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىلوۋاكىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. سىلوۋاكىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ساغلام، مۇقىم بولغان ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، سىلوۋاكىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە ئىجابىي رولىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا قائىدىسىنى قوغداشنى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.