شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا تەۋرەنمەس دوستلۇق ئورناتتى. 2023 - يىلى بىز جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىمىزنى ئورتاق جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى سىجىل ئېشىپ، سېلىنما ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مادۇرو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۇلۇغ دوستى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈردە ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا خالىس مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا پارلاق مەنزىل ئېچىپ بەردى. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.