دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر تۈرلۈك يېڭى كۆرسەتمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا قىز بالىلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى ھەم ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ساغلاملىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان، بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ كۆرسەتمە 2011-يىلىدىن بۇيان ئىشلىتىلىۋاتقان قىز بالىلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دەسلەپكى نۇسخا كۆرسەتمىسىنى يېڭىلىغان. يېڭى كۆرسەتمىدە تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆيلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ھەمدە جىنسىيەت ۋە كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئىمكانيىتىنى ياخشىلاش مۇراجىئەت قىلىنغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر ھامىلىدار بولۇشىنى ئازايتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەتلەردە، ھەر يىلى 21 مىليوندىن ئارتۇق قىز بالا ھامىلىدار بولۇپ قالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىمى تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالىدىكەن. بالدۇر ھامىلىدار بولۇش قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بۇزۇپ تاشلاش قىيىن بولغان ئەۋلادلار ئارا نامراتلىق ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بالدۇر ھامىلىدار بولۇش يەنە ئېغىر ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يۇقۇملىنىش نىسبىتى، بالدۇر تۇغۇش نىسبىتى ۋە بىخەتەر بولمىغان بالا چۈشۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخباراتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن دۇنيادا قىز بالىلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇشىنى ئازايتىش جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. 2021-يىلى مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر 25 نەپەر قىز بالا ئىچىدە بىرى 20 ياشتىن بۇرۇن پەرزەنتلىك بولغان، ئەمما 20 يىل ئىلگىرى بۇ نىسبەت ھەر 15 نەپەر قىز بالا ئىچىدە بىرى 20 ياشتىن بۇرۇن پەرزەنتلىك بولغان.