4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
فىنوم پېندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ بوليې، پارلامېنتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى چيەن يې، گو سوپا، بۇلا سوكۇن، خەنچۇن نالو، شاۋ سوكا، خۇڭ مانى قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ۋەزىر، خان جەمەتى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭى خۇڭ مانې قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
خۇڭ سېن ئايروپورتتا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ خۇڭ سېننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئۇزاتقۇچىلار توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، كامبودژادىكى نەچچە ئونمىڭ خەلق ئاممىسى، كامبودژادىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى، كامبودژادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە خۇاچياۋ - خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ كامبودژادىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇڭ سېن بىلەن باش ۋەزىر خۇڭ مانەي ۋە خۇڭ مانى، خۇڭ مانې ئالايىتەن شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانسارايغا كېلىپ، شى جىنپىڭ بىلەن خوشلاشتى.