4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا ۋە كامبودژادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.