مۇھىم خەۋەرلەر

يېرىم كېچىدە، ئاق ساراي رەددىيە بەردى!

2025.04.09 15:02 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراي دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كېۋىن خاسېت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ قىسمەن دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئېلىشنى ۋاقتىنچە 90 كۈن توختىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە تىجارەتنى باشلىغاندا شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكا پاي چېكى باھاسى چۈشۈشتىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئېنىقلىنىشىچە، خاسېت شۇ كۈنى فوكس ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى ئەسلىي سۆزىدە «زۇڭتۇڭ ئۆزى قىلماقچى بولغان قارارنى چىقىرىدۇ» دېگەن، ھەمدە «ترامپ قىسمەن دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئېلىشنى ۋاقتىنچە 90 كۈن توختىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دەپ ئېنىق ئېيتمىغان. ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىت بۇنى «يالغان خەۋەر» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پاي چېكى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەشتىن تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ