ۋاڭ خۇنىڭ فىنلاندىيە پارلامېنت باشلىقى خالا-ئاخو بىلەن كۆرۈشتى

2025.04.08 14:42 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا فىنلاندىيە پارلامېنت باشلىقى خالا-ئاخو بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىدى. بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

خالا-ئاخو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى. بۇ يىل فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. فىنلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، فىنلاندىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە پارلامېنتى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ