دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كورېيەنىڭ كيوڭساڭداۋ رايونىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى توغرىسىدا سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا كورېيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقتى، جۇڭگو تەرەپ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورېيە مەركىزىي ئاپەت بىخەتەرلىك تەدبىرى بۆلۈمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 13 كىچە، كورېيەنىڭ كيوڭساڭداۋ رايونىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە 20 ئادەم قازا قىلغان، 19 ئادەم يارىلانغان. ئورمان، ئۆي، بۇتخانا قاتارلىقلار زىيانغا ئۇچرىغان.