مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى لاروسا بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان زۇڭتۇڭ ماتارېللا، زۇڭلى مېلونى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ قالالىشىدىكى ئاچقۇچ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىدا. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىتالىيە تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا قوللايدىغان، بىر-بىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ھەمدەم بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش؛ ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېمە-پاراخوت ياساش، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش؛ قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىتالىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېتلار، ئىككى تەرەپ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى؛ كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت مېخانىزمى ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
جاۋ لېجى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
لاروسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو قەدىمىي مەدەنىيلىك دۆلەتلىرى، ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ. ئىتالىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ دۇڭمىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.