مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇچيەن شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ ھەم كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھازىر، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا. جايلار، تارماقلار ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق، ياغلىقدان تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئىلغار، مۇۋاپىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىنى قوللىنىش ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق ئاشلىق، ياغلىقدان تېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كۆكتات» مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاشلىق، ياغلىقدان زىرائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. مەۋقەنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىشقا قويۇپ، ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى پەن-تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، «چوڭ جەھەتتە مۇقىملاشتۇرۇش، كىچىك جەھەتتە تەڭشەش»تە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە پۇختا يولغا قويۇش كېرەك. «مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، گۆش كالىسى، سۈت كالىسى باقمىچىلىقى بويىچە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.
يىغىندىن بۇرۇن، ليۇ گوجۇڭ يەنە خۇەيئەن شەھىرىگە بېرىپ كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىش، ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.