گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش نۇقتىسىنى ئاساس قىلغان كۆزىتىش ۋە تەھلىلنى ناھايىتى كۆپ دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدا توغرا ھەم ئېنىق قاراشلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يەردە مەنمۇ ئۈچ نۇقتىسىدىن كۆپچىلىك بىلەن بىر قىسىم كۆزىتىش ۋە ئويلىنىشنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
بىرىنچى نۇقتا: «باھار بايرىمى ئىقتىسادى»دىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە نەزەر. بۇ يىل باھار بايرىمىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بىر تۈركۈم ھادىسە دەرىجىلىك يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. كىنو، قار ـ مۇز، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق ئىستېمال بازارلىرىدا قىزىق نۇقتىلار ئارقا ـ ئارقىدىن نامايان بولۇپ، ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىشىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. «خاڭجوۋدىكى ئالتە شياۋلۇڭ» قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ۋەكىللىكىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنىڭ غايەت زور ئېنېرگىيەسى نامايان قىلىندى. يېشىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى قاتارلىق يېشىل ئىقتىساد ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى غايەت زور بوشلۇقنى نامايان قىلدى. ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى يېڭى قۇۋۋەتلەر ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ ھەم زورىيىپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۇزاققىچە تولۇپ تاشقان تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىككىنچى نۇقتا: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سىياسىتىنى ئوقۇش. بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى %5 ئەتراپىدا بېكىتتى، بۇ ھەم جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىي شارائىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەشتىن، ھەم ئۆزىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچتىن كەلدى. بىز سىياسەت سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بازار كۈچىنى قوزغىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئەمەلىي ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا يېڭى كۆپەيمە مىقدار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكىتلىرىغا يەنىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجاد قىلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
ئۈچىنچى نۇقتا: خەلقئارا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىدىكى جاھاندىكى توغرا يولنى ئويلىشىش. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىقتىساد پارچە-پۇرات بولۇپ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئېشىۋاتىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ بازارنى ئېچىۋېتىپ، كارخانىلارنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى دۇنياۋى تەرەققىيات بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ دۇنياۋى تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ مۇقىم، ئېنىق كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. بىز ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان قائىدە ئاستىدىكى ئادىل رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن سودا ۋە دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، قۇچىقىمىزنى داۋاملىق كەڭ ئېچىپ ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى قارشى ئېلىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا چوڭقۇر سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىمىز. كارخانىچىلارنىڭ دۇنياۋىلىشىشنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى، تۈرتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، بىر نىيەتتە، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىقنى توسۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋۇ جېڭلۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىننى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى روسسېف، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى شېنتيەن جېنرېن ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 720 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.