مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا قىسمەن يېشىل كارتا ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى

2025.03.27 15:23 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋەردىن ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى بىر باياناتتا مۇنداق بىلدۈرگەن: ئامېرىكا پۇقرالار ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئىدارىسى ئارتۇق تاللاش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قىسىم مەڭگۈلۈك ئاھالە سالاھىيىتى، يەنى «يېشىل كارتا» ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

باياناتتا قايسى ئىلتىماسلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى، ۋاقىتلىق توختىتىشنىڭ بۇ ئورگاننىڭ چىقىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى، ۋاقىتلىق توختىتىشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى قاتارلىق باشقا مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئاقسارايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: مەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن باھاسى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بىر دانە ئامېرىكا «ئالتۇن كارتىسى»نى سېتىشنى باشلايمەن، بۇنىڭدا باي كۆچمەنلەر ئوبيېكت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل «ئالتۇن كارتا» سېتىۋالغۇچىغا بىۋاسىتە ئامېرىكا پۇقراسى سالاھىيىتى بېرىلمەيدىكەن، شۇڭا ئامېرىكا پارلامېنتىدىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز ئىكەن، لېكىن «يېشىل كارتا»غا ئوخشاش ھوقۇق بېرىلىدىكەن، بۇ «ئامېرىكا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتىكى ياخشى يول» ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ