فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېكورنى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «فىرانسىيە چارلىغۇچى ئەسكەر» ناملىق ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خاۋت مارن ئۆلكىسىدە ئۇچۇش مەشقى قىلىۋاتقاندا سوقۇلۇپ كەتتى.
لېكورنى مۇنداق بىلدۈردى: ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىككى ئايروپىلان ئالفا رېئاكتىپ ئايروپىلانى بولۇپ، ھازىر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلاندى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچى ۋە بىر خادىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلغان، بايقالغاندا ئۇلارنىڭ «ئەس ھوشى جايىدا» بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈچ كىشى قۇتقۇزۇلۇۋېتىپتۇ.