لى چياڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

2025.03.21 14:08 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

چۈەنجوۋدا، لى چياڭ ئەنتا گۇرۇھىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىچكى-تاشقى سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى، داڭلىق ماركا تىجارىتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسى، داڭلىق ماركىلارنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ئارقىلىق بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشلامچى كارخانا ۋە ساھە، جەمئىيەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جىنجياڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى پۇقراۋى كارخانىلار قۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان تاشقى سودا مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، لى چياڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ «قوش پورت + قوش سۇپا» ئارقىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. شىشى شەھەرلىك چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدە، لى چياڭ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشكە دائىر تىپىك مىساللار قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەرتىپسىز رىقابەتكە، بولۇپمۇ ئوخشاش سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق رىقابەتكە قارشى تۇرۇش كېرەك.

شيامېندا، لى چياڭ شيامېن تەيگۇ ئايروپىلان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، رېمونت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، چېگرا سىرتىدىكى زاكاز قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئايروپىلان رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇلازىمەت سودىسى كۈنسېرى تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلانماقتا، جۇڭگو مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتىدۇ. مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ ئەلا تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ. مېيتۇ تورى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سۈرەت يۇمشاق دېتالىنى ئەمەلىي قوللىنىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، «سۈنئىي ئەقىل +» ھەرىكىتىنى پائال يولغا قويۇپ، مول ئەمەلىي كۆرۈنۈشكە تايىنىپ مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، لى چياڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سەككىز كارخانا مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تاشقى سودا ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ھەم كەسكىن، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ مەنبەلەشكەن بازارنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، سودا يولى، شەكلىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى كارخانىلار دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ تاشقى سودا سۇبيېكتى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پۇقراۋى كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى سىياسەت مەدىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ «تىرىشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» دەيدىغان ئاشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ