تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ( AA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقارغان.
تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى يىلماز ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 12 يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «باش ئەلچىخانىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىش تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشى ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ بىرى».
2011-يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يامانلاشقان. تۈركىيە 2012-يىل 3-ئايدا سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن.