12-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جون درامانى ماخاماغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گانا سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا بويىچە جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، جۇڭگو بىلەن گانانىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن جۇڭگو-گانا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ماخاما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گانا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.