خەن جېڭ 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-فىرانسىيە 2-يول يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان فىرانسىيە تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.12 15:13 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-فىرانسىيە 2-يول يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان فىرانسىيە تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بۇ يىل ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپتىن ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

فىرانسىيە تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى بونال مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك. ئىجابىي سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، فىرانسىيە-جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ