شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇسنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى گوكۇلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.12.12 15:13 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوكۇلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماۋرىتىئۇس جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمراھى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا ئوخشاش مەسئۇلىيىتى بار، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، كەلگۈسى پارلاق. مەن جۇڭگو-ماۋرىتىئۇس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ