مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيە 63 ئادەمنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلدى

2024.06.27 15:13 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 26 - ئىيۇن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە 27 ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ۋە 36 يېڭى زېلاندىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى شەخسلەر ۋە قانۇنىي ئىگىلەرگە سىياسىي غەرەز بىلەن قىلغان جازاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ چەكلىمە ئېلان قىلىندى. يۇقىرىقى چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن خادىملار سىياسىي پائالىيەتچى، ئاپپارات مەسئۇلى، شىركەت مەسئۇلى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر ۋە ئاممىۋى ئەرباب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ