مۇخبىرنىڭ 2-چېسلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىنى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سىرتتىن كىلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈن بولغان.
2-مارت سائەت 7:15لەردە، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، بىرىنچى تۈركۈمدە سىرتتىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بولدى. سائەت 17:55تە، خۇبېي ۋە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇرغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى ۋە بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن كېلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا كېلىپ بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق چوڭ يىغىن بۇلتۇرقى تېجەشلىك بولۇش ئىستىلىغا ۋارسلىق قىلىدىغان بولۇپ، كۈتۈم خىزمىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلى داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن، مەسىلەن: بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئازايتىش، سۇ، توك، قەغەزنى تىجەش، ئېلېكتىرلەشكەن مەشغۇلات قاتارلىقلار ئارقىلىق يىغىن تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.
12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، 3 مىڭدەك ۋەكىل يىغىنغا قاتنىشىدۇ.