نەزەرباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان «غەربكە ساياھەت » ناملىق بالىلار تىياتىرى ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى
30-ماي ، قەشقەر شەھىرى «1- ئىيۇن » خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر كىنو-تىياتىرخانىسىدا «ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزەيلى» دېگەن تېمىدا 2-نۆۋەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك تىياتىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق تاللانغان 13 نومۇر شۇ كۈندىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى ، باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى نەتىجىسىدە ، نەزەرباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان «غەربكە ساياھەت » ناملىق بالىلار تىياتىرى ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ۋىلايەت ، شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى بولۇپ 600 گە يېقىن كىشى مۇسابىقىنى كۆردى .