باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قىرغىزىستان خەلقى يىمەكلىك ئۈچۈن غەم قىلماقتا

2013.05.31 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى قىرغىزىستان دا تەخمىنەن %10 ئائىلە بولكا ۋە چاي ئۈچۈن غەم يېمەكتە. گۆش، مېۋە، كۆكتات دېگەنلەر بىر خىل ھەشەمەتچىلىك بولۇپ قالغان. يېقىندا، ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا قىرغىزىستاندىكى ئاشلىق كىرىزىسىنى دوكلات قىلغان. 2012-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە، بۇ تەشكىلات قىرغىزىستاننىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئائىلىگە ئەگىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %33ى شەھەر ئاھالىسى، قالغان %67 ى يېزا رايونىدا ياشايدۇ.

  تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ قىرغىزىستان خەلقى يېمەكلىك كەمچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بۇ سان ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس، دەل مۇشۇ دۆلەت نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە %4 نوپۇسنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن قىممەتكە يېقىنلاپ قالغان، %20 ئادەم نىسبەتەن تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان.

  ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رام ساراۋانامۇت 2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر يىل ئىلگىرى بۇ سان نوپۇسنىڭ %18 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، تەخمىنەن 600 مىڭ ئىكەن. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ناچارلىشىشى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلە ئاياللىرى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ، سېتىۋالىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان ياكى چوڭلارنىڭ يېمەكلىنى ئازايتىپ، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغان، ياكى تېخىمۇ ئەرزان يېمەكلىك سېتىۋالىدىغان بولغان. دۆلەت ئىچىدىكى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، ۋە قىسمەن رايونلاردىكى تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئەگىشىپ، بۇ توپنىڭ سانى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە