مۇھىم خەۋەرلەر

مېيىپلەرگە تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرەيلى

− جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2023.09.20 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ كەڭ مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  مېيىپلەر ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، 85 مىليون مېيىپ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئۆستى. كەڭ مېيىپلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرى ۋە بەھرىمەن بولغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ سەھنىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق كۈرەش سەھىپىسىنى پۈتتى.

  ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، بارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مېيىپلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ۋەكىللىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش» فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كەڭ مېيىپلەرنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پائال ئىلگىرىلەش، جان تىكىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ شەرەپلىك سەھىپىسىنى پۈتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مېيىپلەر جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.

  كەڭ مېيىپلەرنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەككە باش قاتۇرمايدىغان، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» يېڭى مۇساپىدە بىز تۈپ مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن مىيىپلارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مېيىپلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى مېيىپلەرغا يەتكۈزۈشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مەدەنىيەت ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قوللاپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  «جۇڭگو ئارزۇسى ___ مىللەتنىڭ ئارزۇسى، دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر مېيىپنىڭ ئارزۇسى.» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ