ئەمدىلا ئىسلامئابادقا يېتىپ كېلىپ پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-چېسلا چۈشتە پاكىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭ زەردارى بىلەن كۆرۈشتى. پاكىستاننىڭ نازارەتچى زۇڭلىسى خوسۇ، كاندىدات زۇڭلىسى شېرىپ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.