مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئاساسى ھازىرلانمىدى

2024.04.23 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 22-ئاپرېل، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف موسكۋا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك خەلقئارا يىغىنىغا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربتىكى يادرو چوڭ دۆلەتلىرى بىۋاسىتە قارشىلىشىش گىردابىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  لاۋروف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش، ئارمىيە خىراجىتىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن كىرىزىس خەلقئارا خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭقۇر چېكىنىش پەيدا قىلدى. غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ئارىلاشما ئۇرۇش قوزغىغان شارائىتتا، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنىڭ ئاساسى مەۋجۇت ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىدەك بۇ مەسىلىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت. بۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ بىردىنبىر پىرىنسىپال مەيدانى. ئۇ يەنە ئەگەر ئامېرىكا يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسىنى تەستىقلىسا، رۇسىيەمۇ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى ئويلىشىدۇ، دېدى.

  لاۋروف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تەشۋىقات ۋاسىتىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى پائالىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىدىن ساقلىنىش تەشەببۇسىغا يامان نىيەت بىلەن قارا چاپلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يۆتكەش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي چىقىمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ