خەن جېڭ سلوۋېنىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.18 10:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سلوۋېنىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فايون بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىلوۋېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مۇسار كۆپ قېتىم ئۆزئارا خەت ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىلوۋېنىيە بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. سىلوۋېنىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، سلوۋېنىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  فايون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلوۋېنىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى باشتىن ئاخىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى قىلىدۇ، سىلوۋېنىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ