لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2024.04.17 11:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 16-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نۆۋەتتە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ 16-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن كۆرىشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، سۆزلىشىش داۋامىدا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىشى قاتارلىق ھەر قايسى قاتلام، ھەرقايسى دەرىجىدىكى سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ھەمكارلىقنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تېخىمۇ ئەلا، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، خادىملار ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يەرلىك، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، پەن-مائارىپ قاتارلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق گېرمانىيە قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، گېرمانىيەدىكى جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتىشتىن خالى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بازار نەزىرى ۋە دۇنياۋى نەزەر بىلەن، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ياۋروپانىڭ بازارلاشتۇرۇش ۋە ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شولىز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىرلىكتە تورلاشقان ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا شولىز شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ