«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسىنى ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلدى

2024.04.18 08:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسىنى ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېي پائالىيەتتە تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن خەلقنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، دۇنيا بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە خەلقنى قانداق يېتەكلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ماڭغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئارگېنتىنالىق دوستلارنىڭ بۇ ئەسەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى بىلىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ تاۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولغان بولۇپ، ئارگېنتىنادىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن كىتاب نەشر قىلىش، تاراتقۇ تارقىتىش، ئاقىللار ئامبىرى سۆھبىتى، تېما تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  ئارگېنتىنا بوئېنۇس ئايرېس داشۆسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى پاترىكىئو كونېجېرو ئورتىز شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپانچە نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىلىم ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئارگېنتىنا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى كونكرېت چۈشىنىشىنى يول بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ھەمبەھرىلىنىش يىغىنىدا، ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نيۇ ۋاڭداۋ ۋە گەي تيېگې، ئارگېنتىنا نەشرىيات سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇئان مانۇئېل پەنپىڭ قاتارلىقلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تونۇشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ