لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.17 11:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ 20 نەچچە كارخانىچىسى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، گېرمانىيە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىگە نىسبەتەن مۇھىم پۇرسەت. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئەلا، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ياخشى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل بازار مۇھىتىنى قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى كەسىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنى سىياسەت جەھەتتىن تېخىمۇ قوللاش ئارقىلىق، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنمەكتە. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگو چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى مۇئامىلىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بىز سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ پىكرىنى داۋاملىق دائىملىق ئاڭلاپ، كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى ھەل قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنى كېلىشنى خالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇلز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق شېرىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى قويۇق، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ. گېرمانىيە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، «ئالاقىنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ