لى چياڭ 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نىڭ يېڭى دەۋر سالاپىتىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك

2024.04.19 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 18-ئاپرېل 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى (گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى) كارخانا سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 18-ئاپرېل 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى (گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى) كارخانا سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نىڭ يېڭى دەۋر سالاپىتىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك.

  لى چياڭ كۆرگەزمە سارىيى A رايونىغا جايلاشقان كارخانا سارىيىغا كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لەيكې ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، مەيشېڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، چۇاڭۋېي، كېدا شۈنفېي، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى، لۇڭشىن ھەممىباب شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مەھسۇلات ھەمتۈرتكە مانېۋىرىنى كۆردى. لى چياڭ ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تېخنىكا توپلاش، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ كارخانىلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگو ئىجادىيىتىگە ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئۆز كەسپىنىڭ باشلامچىسى، يول باشچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى سۇپىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لى چياڭ يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  لى چياڭ گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى تەرەققىيات تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. دائىملىق تور سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تور ئىچى ۋە سىرتىدا تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان» گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى بەرپا قىلىش؛ مەۋقەنى بازارنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قويۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى چۆرىدەپ، باش تېما لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، كۆرگەزمىگە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بازارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان» گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى لى چياڭ گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. مېيدى، بېيلې ئەقلىي ئىقتىدارى، شېنچى ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، جىڭسۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، جۇڭشىن مۇھىت ئاسراش، دېيى ۋېنچۇاڭ، مېڭبەيخې ئۆي جاھازلىرى، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  لى چياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇش، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈش قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەر ئالدىدا، دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئېلاستىكلىق ۋە رىقابەت كۈچى نامايان بولدى، بۇنىڭغا كەڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ جاپالىق كۈرىشى مۇجەسسەملەنگەن. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بازارنى يەنىمۇ ئېچىش، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، خەلقئارا ئۆلچەم بېكىتىشكە پائال قاتنىشىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەت، داڭلىق ماركا يارىتىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تېخنىكا، سۈپەت ۋە مۇلازىمەتكە تايىنىپ بازارنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆكۈمەت تارماقلىرى تاشقى سودا كارخانىلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ، ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنى سىياسەت پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇشى كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ