«شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.04.22 11:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  نەتىجىنى ئىختىساسلىقلار يارىتىدۇ، كەسىپنى ئىختىساسلىقلار زورايتىدۇ. زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش-دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى. پارتىيەمىز ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇنى قوللىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش مۇھىم بايانلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن، بۇ، يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېزدىن قۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش، ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 248 پارچە باياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 12-ئايدىن 2024-يىلى 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتلىرى، سۆزلىرى، يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرى، تەبرىك خەتلىرى، جاۋاب خەتلىرى قاتارلىق 110 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ