شى جىنپىڭ گابون ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى ئېنگۇما بىلەن جۇڭگو - گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.04.22 11:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گابون ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى ئېنگۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گابون ئەنئەنىۋى دوستلاردىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن گابون باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - گابون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئېنگۇما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - گابون ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گابون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

  ئېنگۇما مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، گابون بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى. گابون تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. گابون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە گابون - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ