جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى

2024.04.22 11:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭ 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەلىم سۆزى قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭ 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ سىلىڭيۈەنى بى يى، جېڭۋېيسى لى ۋېيغا ئارمىيە بايرىقى بەرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى بېيجىڭ 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بېرىپ ھەم تەلىم سۆزى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى يۇغۇرۇش، پۈتۈن ساھە تىرەك بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، قۇرۇلۇش يىغىنى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا دۆلەت شېئىرى ئۈنلۈك ئېيتىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى مۇراسىم ئەسكەرلىرى ھەربىي بايراقنى قوغداپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا ھۆرمەت قەدەم بىلەن كەلدى. شى جىنپىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ سىلىڭيۈەنى بى يى، جېڭۋېيسى لى ۋېيغا بەردى. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ئارمىيە بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بايراقنى تۇتۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇردى. بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارمىيە بايرىقىغا تەنتەنىلىك ھۆرمەت سالىمى بەردى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ تەلىم سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى تەڭشەپ تەشكىللەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، يېڭىچە ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى پۈتۈنلەي يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك قىسىم تۈرى بولۇپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇش، قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك، ئۇنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە زامانىۋى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام ـ قائىدىنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇرۇش قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئۇچۇرنى يېتەكچى قىلىش، بىرلىشىپ غەلىبە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇچۇر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئۇچۇر ياردىمى بېرىشنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەشكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى تۈپ يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئارمىيەمىزگە خاس بولغان تور ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز يۈكسىلىشىگە يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قىسىمنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇنتىزىم تەرتىپنى ساقلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تاۋلاپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

  لى ۋېي ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، كۈچنى ئۇرۇش تەييارلىقى، جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  قۇرۇلۇش يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى ۋە پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئوقۇدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىۋاسىتە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ نومۇرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ