مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىچە قوش ئۆلچەم ۋە مەيلىگە قويۇۋېتىش ئوتتۇرا شەرقنى داۋاملىق قالايمىقانلاشتۇرماقتا

2024.04.21 23:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى كونسۇل تارماقلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مايك جونسون 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە بىر تۈرلۈك ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر: ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى توسۇشقا تىرىشىدىغان ھالەتنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ساختا قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈردى. ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى غەزە توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە يان باسقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.

  مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغان باياناتىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ بايانات ئاخىرىدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنالمىدى. بىراق ئىران ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئالغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا «خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننىڭ قىلمىشىغا پەرۋا قىلمىسا بولمايدۇ» دېدى.

  پەلەستىننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى سامىر ئانابتاۋى ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە يان باستى، ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مۈجمەللىك قىلىپ، ئەيىبلىمەي، يەنە ئىراندىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ساختىلىققا تولغان قوش ئۆلچىمى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 33مىڭ ئادەم ئۆلدى، 75مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. مىسىر ئەرەب تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى سامىر راجىب غايەت زور تالاپەت «ئامېرىكا تەمىنلىگەن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقسىزلارچە يول قويۇشى»دىن كېلىپ چىققان، دەپ كۆرسەتتى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زومىگەرلىكىنى مۇستەھكەملەشتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىيسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى دەپ قاراپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «ئالاھىدە مۇناسىۋىتى»نى تەكىتلىدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسەي گراھام ئىسرائىلىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «كۆز-قۇلىقى» دەپ ئاتىدى.

  1973-يىلى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى قاتارلىق ھەربىي توقۇنۇشلاردا، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە شەرتسىز ھالدا دىپلوماتىيەدە يان باستى ۋە ھەربىي ياردەم بەردى. ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى چىكاگو يەر شارى ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 1972-يىلى ئامېرىكا تۇنجى قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنى لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىشنى توختىتىشقا مۇراجەت قىلىدىغان قارار لايىھەسىنى ئىنكار قىلغان. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جەمئىي رەت قىلغان 89 تۈرلۈك قارار لايىھەسىنىڭ 45ى ئىسرائىلىيەگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 33 تۈر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زىمىنىنى ئىشغال قىلىشى ياكى پەلەستىنلىكلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك.

  ئىراقنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى مۇستافا خەلىل ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى ئادالەتسىز مەيدانى ۋە بۇ رايوندا زومىگەرلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتتۇرا شەرق جىددىي ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى تۈپ سەۋەب، ئامېرىكا زومىگەرلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئۇرۇشنى توختىتىش تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دېدى.

  ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق پروفېسسورى سىتىفېن ۋولت ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى سەۋەبلىك، ئىسرائىلىيە «خالىغىنىنى قىلىدىغان» بولدى، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە بولغان ئۇسۇلىنىڭ بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى بۇ قېتىمقى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچى، دەپ كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ