لى چياڭ «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

2024.04.11 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى، بۇ نىزام 2024-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ئۇنىۋېرسال، ئۇللۇق مەمۇرىي نىزام شەكلىدە مۇستەھكەملىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسىنىڭ ئاساسىي تۈزۈم، قائىدىسى ئورنىتىلدى، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. «نىزام» جەمئىي ئالتە باب، 33 ماددا.

  نىزامدا بىرىنچىدىن، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسىنىڭ مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، خىزمەت پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئۈچىنچىدىن، مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. دۆلەت مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مۇھىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئامىللىرىنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى مۇھىم رايونلاردا ئېكولوگىيەنى قوغداۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تولۇقلىما بېرىدۇ. تۆتىنچىدىن، رايونلار ئارا تولۇقلىما بېرىش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئېكولوگىيەدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان رايونلار بىلەن ئېكولوگىيەسى قوغدىلىۋاتقان رايونلارنىڭ كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رايونلار ئارا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ. بەشىنچىدىن، بازار مېخانىزمى تولۇقلىمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بازار قائىدىسى بويىچە، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ئالتىنچى، كاپالەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ